سىز تۇرمۇشىڭىزدا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كۆك چىش [bluetooth services] لەنيا دەپ جىق ئاڭلاپ كەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئۇنداقتا بۇ لەنيا (كۆك چىش ) زادى قانداق نەرسە [bluetooth services]خەنزۇچە [蓝牙] ئۇيغۇرچە كۆك چىش دەپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ . ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇچۇريوللاش تېخنىكىللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە ، شۇنىڭدەك سىمسىز ئۇچۇريوللاش تېىخنىكىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلماقتا . ھازىر لاھىيەلىگۈچىلەر يەنىمۇ ئېلگىرلىگەن ئاساستا قولايلىق ھەم سۈرئىتى تېز بولغان سىمسىز ئۇچۇر يوللاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلماقتا .كۆك چىش بولسا يانفۇن ۋە شۇنداقلا پۈتۈن IT ساھاسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ئادەتتىكى تېخنىكا بولۇپ قالدى . كۆك چىشنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆك چىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققۇچى شىۋىتسارىيەنىڭ ئەلىشىن شىركىتى (瑞典爱立信) ئەلىشىن شىركىتى 1994 - يىلىلا تەتقىقاتقا كىرىشكەن بولۇپ 1997 - يىلى ئەلىشىن شىركىتى باشقا زاۋۇتلار ۋە IT ساھاسىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆك چىش تېخنىكىسىغا ئىنتايىن قىززىقتۇرۋەتتى . 1998 2 - ئايدا ئەلىشىن (瑞典爱立信) ، نوكىيا (Nokias)،ئايبىئەم (IBM)، توشىبا (TOSHIBA)، ئىنتېل (Intel) قاتارلىقلار بىرلىشىپ SIG گورۇپپىسىنى قۇرغان . ئۇلارنىڭ مەخسىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە كىچىك دائىرلىك سىمسىز ئالاقە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش يەنى ھازىر كۆك چىش تېخنىكىسى .كۆك چىشنىڭ ئىسمىنىڭ كىلىش مەنبەسى دىنمارىكنىڭ پادىشاھى Harald Blatand ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى Harold [bluetooth services] بۇ پادىشاھ كۆ رەڭلىك بىر نەرسىلەرنى يىيىشكە بەك ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان .مۇشۇ تېخنىكا تۈرىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا ئەسلىدە بار بولغان كۈنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىسىم بەلگىلىمەكچى بولغان . تۈرگە قاتناشقۇچىلار بىر كىچە ياۋرۇپانىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىدىكى سىمسىز تېخنىكىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان ، بەزىلەر Blatand پادىشاھنىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرمەكچى بولغان . ئاخىرىدا كۆپ چىلىك قارار چىقىرىپ [bluetooth services] دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان .Bluetooth SIG توغرىسىدا Bluetooth SIG نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆك چىش تېخنىكىسى ئۇيۇشمىسى نى كۆرسىتىدۇ . تىلگىراف ، كومپىيۇتېر ، ماشىنا ئىشلەش ، سانائەتنى ئاپتۇماتىكلاشتۇرۇش ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گورۇپپا . بۇ كىچىك گورۇپپا كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرۈتكە بولغان . قىسقا دائىردىكى سىمسىز كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەرزان بولغان سىمسىز ئۆلچەم ياسىغان ۋە بازارغا سالغان .ھازىر [bluetooth services] SIG كۆك چىش تېخنىكىسى ئۇيۇشمىسى تەرەققىي قىلىپ Agere ، Ericsson،IBM،Intel,Microsoft,Motorola,Nokia,Toshiba قاتارلىق ساناقسىز شىركەتلەر كىلىشىم ئىمزالاپ Associate and Adopter گە ئەزا بولۇپ شىركەت ھاسىل قىلغان .[bluetooth services] كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نىمىشقا كۆك چىش سىمسىز تېخنىكىسىنى تاللايمىز ؟كۆك چىش سىمسىز تېخنىكىسى ئىككى ئۈسكۈنە ئارىسىدا قىسقا دائىردىكى خەۋەرلىشىتە ئىشلىتىش بەك ئاسان ، ئۇ يانفۇن بىلەن سىمسىز ئۇلىنالايدۇ ، ۋە شۇنداقلار كومپىيۇتېر ، ئاپتوموبىل ، MP3 ، سىترولۇق ئاۋازدىكى قۇلاقلىق قاتارلىق ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇلىنالايدۇ . ئۇنىڭغا ھىچقانداق قوزغىتىش ئۈسكۈنىسى كەتمەيدۇ ، بۇ تېخنىكىنىڭ ھازىر 4 - نۇسقا قائىدىسى چىقتى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . كۆك چىش تېخنىكىسى ھازىر بازاردىكى قىسقا دائىرلىك سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى . كۆك چىش تېخنىكىسى قائىدىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقاندق شىركەت ھىچقانداق ھەق تۆلىمەي ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ . كۆك چىش تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى نەشىرى V1.1/1.2/2.0/2.1 قاتارلىق تۆت نەشىرى بار .نەشىرنىڭ ئوخشىماسلىقدىكى ئالاھىدىلىك 748~810kb/s يوللاش قائىدىسگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ
مەنبە:ئىنتىل تورى
wordpressۋەblogspot ھەققىدە
-
خېلى بۇرۇنلا blogger بىلەن wordpressنى سېلىشتۇرۇپ بىرەر ماقالە يېزىشنى
ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم ،بۈگۈن مانا ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرى پۈتتۈردۈم .
wordpress ئىقتىد...
15 年前
0 评论:
ئىنكاس يېزىش