يانفون يۇمشاق دېتاللىرى
يانفون يۇمشاق دېتاللىرىيانفونىڭىزدا نۇرغۇن ئىقتىدارلارنىڭ كەمتۈكلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇنداق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا ئادەتتە سېستىما قاچىلاپ ئۆچۈرۈش بەك قولايسىز بولمىغاچقا، يانفونلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاددى ئىقتىدارلارمۇ تەمىنلەنمىگەن، بۇنى ئۈچىنچى بىر يۇمشاق دېتال بىلەن تولۇقلاش مەقسىتىگە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى تېلىفونىڭىزغا ئورنىتىپ كۆرۈڭ: 6630 ئۆزىدە تەمىنلىگەن "نومۇر سىكەننېرلەش" يۇمشاق دېتالى 7610/6600 قاتارلىق يانفونلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ چۈشىرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... /v2007824202559.rar ئەمدى بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تونۇشتۇرىمەن، بۇ يۇمشاق دېتاللار تېلىفونىڭىزدا چوقۇم بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن AppMan ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسى بۇ پروگراممىنىڭ ئالاھىدىلىكى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى ۋەزىپە باشقۇرغۇچغا ئوخشايدۇ، يەنى بۇ سېستىما ئارقىلىق نۆۋەتتە تېلىفونىڭىزدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكى، تېلىفونىڭىزنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىچكى سىغىمى قاتارلىقلارنى بىلىشكە، ئىچكى ساقلىغۇچتا بوشلۇق قالماي تېلىفون ئاستىلاپ كەتسە، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىۋالغان بوشلۇقنى قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ چۈشىرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... /g2007824205020.rar ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىنوخانا تېلىفونىڭىزدا كەڭ ئېكرانلىق، ئېنىقلىقى يۇقىرى بولغان AVI كىنولارنى، MTV لارنى كۆرگىڭىز بارمۇ، ئەمىسە دەرھال بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاڭ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى 3GP ئاڭلاپ يۈرگەن ۋاقتىڭىز ئەمدى كەلمەسكە كەتتى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... /b2007824205818.rar رايون نومۇرى كۆرسىتىش دېتالى بۇمۇ زۆرۈر بىر دېتال، بۇ دېتالنى قاچىلاپ قويغاندىن كېيىن، سىزگە تېلىفون كەلسە ياكى تېلىفون ئۇرسىڭىز ئېكران ئۈستى قىسمىدا شۇ نومۇرنىڭ قايسى ئۆلكە، قايسى شەھەرنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، يانفون نومۇرلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ھەتتا يېڭى چىققان 158، 159 نومۇرلىرىنىمۇ بىمالال كۆرسىتەلەيدۇ.خۇددى IP كۆرسىتەلەيدىغان QQ غا ئوخشاش بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... 8/o200782421236.rar PDF ئوقۇغۇچ ئىسمىدىنلا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، ئۇنداقتا دەرھال چۈشۈرۈڭ بۇ يەرنى چېكىپ چۈشىرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... /o2007824212355.rar تېلىفون ئالدامچىسى بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپكە ھەر خىل يالغان مۇھىت ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ قويۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن قارشى تەرەپكە مەن ھازىر بارىمەن، ماشىنا توسۇلۇپ قالدى دېسىڭىز ، ئىشەنمىگەن بولسا، بۇ دېتالنىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ماشىنىلارنىڭ توختىماي سىگنال بېرىۋاتقان ئاۋازلىرى قارشى تەرەپكە سىزنى ھەقىقەتەن ماشىنا توسۇلۇپ قالغان بىر مۇھىتتا ئىكەن دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەگەر دېتال تەمىنلىگەن مۇھىت ئاۋازلىرى يېتىشمىسە، ئۆزىڭىز ئاۋازغا ئېلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ چۈشىرىۋېلىڭ http://www.tedbirkar.cn/blog/att ... /p2007824212656.rarمەنبە: رىتىم تورى
wordpressۋەblogspot ھەققىدە
-
خېلى بۇرۇنلا blogger بىلەن wordpressنى سېلىشتۇرۇپ بىرەر ماقالە يېزىشنى
ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم ،بۈگۈن مانا ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرى پۈتتۈردۈم .
wordpress ئىقتىد...
15 年前
0 评论:
ئىنكاس يېزىش